نۈزۈگم كۈلتۇر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە

 

 

ھۆرمەتلىك بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار! ئاللاھنىڭ ئەڭ گۈزەل سالىمى، بەرىكىتى، رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى ھەممىڭلارغا ۋە ھەممىمىزگە بولسۇن!
ھۆرمەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار بىز سىلەرگە تۆۋەندىكىدەك مەزموندا تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇختۇرىشىمىزنى بەرمەكچىمىز.
بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن چەتئەللەردىكى بولۇپمۇ ئاساسلىق سانى تۈركىيەدە بولغان يېتىم ۋە ئاتا ئانىسىدىن ياكى ئاتىسىدىن مەھرۇم قالغان مۇھتاج ئۆسمۈرلەر، ۋە تۇل ئاياللارغا ئىمكانىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەمدە بولۇش ئۇلارغا غەمخورلۇق يەتكۈزۈش،تەدرىجى ۋە ئىمكانلارنىڭ يېتىشىچە ئوقۇ ئوقۇتۇش ۋە تەربىيلىنىش ئىشلىرىغىچە ھەمكارلىقتا بولۇش مەقسىدىدە ” نۇزۇگۇم يېتىم بالىلار فوندى جەمئىيىتى” نى قۇرۇپ چىققانىدۇق. بۇ فوندى جەمئىيەت قۇرۇلغان كۈندىن بويان دۇنيانىڭ 10 دىن ئارتۇق دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان مەرىپەتپەرۋەر ، ۋەتەنپەرۋەر، خەيرى سۈيەر خانىم-قىزلار بىلەن ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان مۇھتاجلار سانىغا قارىتا ھىممىتىمىزنى ئاشۇرۇپ ، غەيرىتىمىزدە تېخىمۇ چىڭىيىپ ، خىزمىتىمىزنى ئۈزۈلدۈرۈپ قويماي داۋام قىلىپ كەلدۇق ۋە ئاللاھنىڭ رەھمەت ئىنايىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرىمىزنىڭ ھەمدەمدە بولىشى بىلەن 2018- يىلى مارت ئېيىدا” شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى”نى رەسمىي قۇرۇپ چىقتۇق. بۇ جەمئىيەت تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىچىكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ئىستانبۇل ۋالىيلىقىنىڭ جەمئىيەتلەرنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش قانۇنىغا ئاساسەن رەسمىي ھالدا رويخەتكە ئېلىنغان بولۇپ،ئاساسلىق قۇرغۇچى ئەزالىرى ۋە ياردەمچى قۇرغۇچى ئەزالىرى سان جەھەتتىن ھۆكۈمەتنىڭ ئامىۋىي تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ سان ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان ، نۇرغۇن خەيرى سۆيەر پىداكار خانىم- قىزلار خالىسانە ئەزا بولغان ۋە ئەزا قۇبۇل قىلىشنى داۋام قىلىپ چوڭىيىۋاتقان بىر جەمئىيەتتۇر.
” نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋەئائىلە جەمئىيىتى” قۇرۇلغاندىن بېرى بىر تەرەپتىن يېتىم ،تۇل ۋە يوقسۇللار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىدە بۇرۇنقىدەكلا مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە بۇ تۈردىكى خىزمەتلەردە باغلىنىشى بولغان ئامىۋىي تەشكىلاتلارىمىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋام قىلدۈرۋاتقان بولساق يەنە بىر تەرەپتىن يېتىم ۋە مۇھتاج پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن توغرا ۋە ياخشى بولغان چارە تەدبىر ئىزدەشكە،قۇرۇلغان ۋاقتىغا قارىغاندا 10ھەسسىگە يېقىن ئاشقان ساندىكى بالىلارنىڭ ئايلىق ياردىمىنى ھەر ئايدا ۋاقتىدا تولۇق تارقىتىش، جىددىي ئىھتىياجلىق ئەھۋالدا ئۇلار ۋە ئائىلىلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردىمىدە بولۇش،ئانىلارغا مەخسۇس دىنى ۋە پەننى ئىلىم ، مەلۇمات ئېلىش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىش، بالاغەت يېشىغا يەتكەن قىزلار ۋە تولۇق ئوتتۇرا ، ئالىي مەكتەكپتە ئوقۇۋاتقان ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ، تۇرالغۇ جەھەتتىن قىينىلىپ قالغان قىز ئوقۇغۇچىلارغا تۇرالغۇ يەر تەييارلاش، ئۇلارنىڭ بارلىق ئىھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش ، بەزى قىزلارنىڭ ھەتتا ئۆي ئوچاقلىق بولۇش ئىشلىرىغىچە ئىگەدارچىلىق قىلىش، ئاياللار ۋە بالىلارغا ئايلىق ،ھەپتىلىك ھەتتا كۈندۈلۈك ئىجتىمائى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يېتىم پەرزەتلەرنى ھېيت ئايەملەردە كىيىندۈرۈش، يېمەك ئىچمەك ، قۇربانلىق گۆش تارقىتىشتەك ئىجتىمائى ياردەم پائالىيەتلىرىنى، تەلىم تەربىيەدە ئۆزلىرى ئېلىپ مېڭىۋاتقان مەكتەپ ، مەدرىسە دەرسلىرى بىلەن بىرگە ئانا تىل دەرسلىرىنى بېرىش، يېتىشەلمىگەن مەكتەپ دەرسلىرىدە ياردەمچى بولىدىغان كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتەك پروگرامىلىرىنى جانلاندۇرۇپ كەلمەكتە.
نۇزۇگۇم فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى بەش يىللىق مۇساپىسى جەريانىدا بۇ ئىشقا كۆڭۈل بەرگەن پىداكار خانىملار ۋە قېرىنداشلارنىڭ خالىسانە ياردەملىرىدىن سىرت ھېچقانداق دۆلەت ئورگانى ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلاردىن كېلىدىغان ئايلىق ، يىللىق مۇقىم مىقتاردا ياردەم پۇلى بولماسلىقتەك رىئال قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، بېلىق بېرىشنىڭ ئورنىغا بېلىق تۇتۇشنى ئۆگۈتۈشتىن ئىبارەت پرىنسىپ بويىچە نۇزۇگۇم خانىم -قىزلار توقۇمچىلىق ئورنىغا ئوخشاش ئىش يەرلىرىنى قۇرۇپ بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ،خەيرى ئىشلىرىنى قىلغۇچىلارغا ئۆلگۈلۈك باشلامچى بولۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇزۇندىن بېرى تەشكىللىك ئېلىپ كېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەدىنىيىتى ۋە كىملىكىنى تونۇتۇش خىزمىتىنى ئوموملاشتۇرۇش، شۇنداقلا كەلگۈسىدە قۇرماقچى بولغان شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىنى جانلىق ھالدا ساقلاپ ئەۋلاتمۇ ئەۋلات دەۋر قىلىش ئۈچۈن مەدىنىيەت بويۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، چوڭ مۇراسىملاردا ئۇيغۇر كىيىملىرى ۋە بويۇملىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەرباپلارغا ھەدىيە قىلىش، چوڭ تىپتىكى نامايىش ۋە پائالىيەتلەردە ئاكتىپ رول ئويناش ،خەلقئارالىق پائالىيەتلەردە كۆرگەزمىلەردە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى كەڭ كۆلەمدە تۇنۇتۇشتا يول ئىزدەش ، مىللىي بۇيۇم ۋە مەھسۇلاتلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلار ۋە قېرىنداش مىللەتلەرگە تونۇتۇشقا يۈزلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئالدىغا ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى بىر توسالغۇ ئەمەس بەلكى خەيرىلىك خىزمەت يولىدىكى بىر ئىمتىھان ، يۈكسىلىش يولىدىكى بىر شوتا دەپ بىلگەن، تۈرلۈك پىتنە پاسات ۋە مۇناپىقلارنىڭ تۈرلۈك ئىغۋالىرى، قارا نىيەت كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە باش ئەگمەستىن، يېتىمغا ئىگە چىقىش، مۇھتاجنىڭ دۇئاسىنى ئېلىش، تۇللارنىڭ ئاھىغا يېتىشتەك بۇ كاتتا خىزمەتنىڭ ساۋابىنى ۋە كەلگۈسىدىكى رولىنى تونۇپ يەتكەن، پىداكار ، يىراقنى كۆرەر خانىم قىزلار كەلگۈسى ئۈچۈن تۈزگەن ئۇلۇغۋار پىلانلار ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بولىدىغان بارلىق مەشرۇ قانۇنىي يوللاردىن ئىمكان ئىزدەپ ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
ئەلۋەتتە يول ئۇزاق، داۋان ئىگىز، ئاتلار ئورۇق، ئىمكانلار قىس. بىز گەرچە تارىختا شانلىق تارىخ ياراتقان، ھەيۋىتىدىن دۈشمىنىنى سەدىچىن سېپىلى سېلىشقا مەجبۇر قىلغان، ئوكيانلار ئېشىپ ئىمپىراتۇرلۇقلار قۇرغان، تۈرك دۇنياسىغا ئىسلامنى يايغان بىر خەلق بولغان بولساق ئەمدىلىكتە بولسا ئاللاھ ئاتا قىلغان جەننەت ۋەتەندىن، پۈتۈن مىللەت ھالىتىدە دىنىمىز، تىلىمىز، شانلىق مەدىنىيىتىمىز، ئىلىم- ئىرفان بۇلاقلىرىمىزدىن ھەتتا ئىنساندەك ياشاش ھەق ھوقۇقلىرىمىزدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولۇش گىرداۋى ئالدىدا جان جەھلىمىز بىلەن مۇجادىلە بەرمەكتىمىز، بېرىشكە مەجبۇرمىز . بىز قەھرىمان شېھىت ئانىمىز نۇزۇگۇمدەك ياشاپ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاخىرقى نەپىسىمىزگىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىمىزغا ، جېنىمىز ۋە قېنىمىز بىلەن ئەجدادلارنىڭ ئىزىدىن يۈرۈيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز . بىراق بۇنىڭ ئۈچۈن قولىمىزنى ئەمەس، ھەتتا بېشىمىزنى تاشنىڭ ئاستىغا قويۇشىمىز كېرەكلىكىنى بىلگەن ھالدا بۇ يولغا چىققانمىز. ھەر قەدىمىمىزدە پۇتۇمىزغا تاش قويىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئەقىلنىڭ چۇلۋىرىنى ئاللىكىملەرگە تۇتقۇزۇپ قويغانلىقىنى بىلمەستىن ،قېرىندىشىنى دۈشمەن دەپ قارايدىغان نادان ئىنسانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغانلىقىمىزنى، كۆڭۈللەرنى فەتىھ قىلىدىغان، ساۋابىغا نائىل بولسا جەننەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن يانمۇ – يان تۇرۇشقا ۋەسىلە بولىغان بۇ خىزمەتتە شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تۈرلۈك -تۈمەن يوللاردىن بىزگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن ھالدا يولغا چىقتۇق. ئەمما ئاللاھنىڭ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك يېتىمنىڭ رەھبەرلىكىدە دۇنيانى قۇتۇلدۇرغىنىنى بىلگىنىمىز ئۈچۈن يېتىملارغا ئانا بولايلى! قۇتۇلۇشىمىزغا شۇ يېتىملار كۆۋرۈك بولسۇن! دېگەنلىكىمىز ئۈچۈن، خەدىچە ئانىمىزدەك پىداكار بولايلى! ئىسلام ئەرلىرى كۈچلەنسۈن! دېگەنلىكىمىز ئۈچۈن ، فاتىمە ئانىمىزدەك تەقۋادار بولايلى! ھەسەن ۋە ھۈسەيىن رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادەك نەسىللەر يېتىشسۇن! دېگەنلىكىمىز ئۈچۈن ، ئائىشە ئانىمىزدەك بىلىملىك ، ھېكمەت ساھىبى بولايلى ! ئىسلامىي ئائىلىمىزدە ئىلىم- ئىرفان نۇرى چېچىلسۇن! دېگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇ يولنى تاللىدۇق. بۇ يولغا باش قويغان كۈندىكى غەيرەت – شىجائىتىمىزدىن ھېچبىر زامان ۋاز كەچمىدۇق. سەپكە يېڭىدىن قوشۇلغانلارغا كېلىڭ قېرىندىشىم بۇ ساۋاپ يولىدا بىرگە يۈرەيلى دېگەن بولساق! سىناقلاردىن ئۆتەلمەي، تۇزاقلاردا ، قىلتاقلاردا ئىلىنىپ سەپتىن چۈشۈپ قېلىۋاتقانلارغا خەيرىلىك دۇئا قىلغان ھالدا يولىمىزغا راۋان بولماقتىمىز. ئاللاھنىڭ ،ساپ نىيەت، چوڭ ھىممەت بىلەن چىققان بۇ خەير سەپىرىمىزدە بىزنى غايىمىزگە يەتكۈزىدىغانلىقىغا ، ئارقىمىزدىن خەيرى دۇئادا ياد ئېتىلىدىغانلىقىمىزغا ئىمانىمىز كامىلدۇر.
بىز بۇ يەردە ھەم بىزگە ھەر جەھەتتىن يار- يۆلەكتە بولغان، بارلىق ئىمكانلىرى بىلەن خىزمىتىمىزگە جان پىدا بولغان ، رەھبەر ئۇستازلىرىمىزىمىز باشچىلىقىدىكى بارلىق ئەر -ئايال قېرىنداشلىرىمىزغا چوڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزنىڭ ساغلام ۋە تەشكىلى قانۇن پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن ھالدا ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئۇزۇن مەزگىللىك ، ئۈنۈم -مەنپەئەتلىك ئىزچىل داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي يارددەم ئېلىش ۋە ئىختىسادىي تەسەررۇپ خىزمەتلىرىمىزدە مەخسۇس كاسىرلىق سېستىمىمىز، كاتىپلىق سېستىمىمىزنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ۋە تەپتىش گۇرۇپبىمىزنىڭ ، بارلىق سان -سېفىر ۋە ياردەم ئالغۇچىلارنىڭ ئارخىپلىرىنى سېستىمىلاشتۇرغانلىقىمىزنى، ھەرقانداق بىر قېرىندىشىمىز ئاسانلا ئالاقە ئورۇنىتالايدىغان ئادرىس، ئىشخانا ، تېلىفۇن نومۇرلىرىمىز بىلەن بىرگە ھېچقانداق ئۈسۈمدىن يىراق بولغان ئەلباراكا بانكىسىدا ئېچىلغان ھېساپ نومۇرلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ، بۇ يەرگە كەلگەن ياردەملەرنىڭ مەخسۇس تەپتىش گۇرۇپىسىغا دوكلات قىلىندىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تەشكىلىمىز تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن مۇقىم شەخسلەردىن باشقا ھەرقانداق بىر شەخسنىڭ نۇزۇگۇم جەمئىيىتى نامىدىن ياردەم قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا مالىيەگە مەسئۇل خادىملىرىمىزدىن باشقا بىرىلىرىدە ئىقتىسادىي ياردەم تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، بىزنىڭ خىزمەت قوشۇنىمىزدىن بولغان كىشىلەر ئارقىلىق ياردەم بەرمەكچى بولغان خەيرى سۈيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردىمىنىڭ ئۇدۇل ھالدا بۇ خىزمەت ئۈچۈن بېكىتىلگەن كىشىلەرگە يۈزلەندۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ تۈركىيە ئىستانبۇلدا خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەقپىنىڭ ئىجتىمائى ياردەم ۋە يېتىم خىزمەتلىرى بۆلۈمى بىلەن خىزمەت كېلىشىمى بولۇپ ئۇلارنىڭ بىزگە قويغان تەلىۋى بويىچە ، تۈركىيەدە ياشاۋېتىپ بىزنىڭ تونۇشتۇرىشىمىز بولماستىن بۇ تۈردىكى ياردەم قۇرۇلۇشىغا بارماسلىقىنى ئۇختۇرىمىز . شۇنداقلا تۈركىيەدىمۇ ياردەم قىلىدىغان شەخسلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ سانى خېلى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن چەتئەلەردىكى خەيرى سۈيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ تۇل ۋە يېتىملىق سۈپىتى بىلەن ، داۋالىنىش، ئۆي كىراسى ، ۋە باشقا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن تۈركىيەدىن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ياردەم تەلەپ قىلغاندا تەلەپ قىلىنغان دۆلەتلەردە ياشايدىغان شەخسلەرنىڭ بىلمەستىن ھىسىيات سۈيئىستىسمالىغا دۇچار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىز بىلەن ئالدىن ئالاقىغە ئۆتۈشىنى،بىز خالىسانە ھالدا كېرەكلىك ئىشەنچلىك مەلۇماتلارنى سۈرۈشتۈرۈپ تەمىنلەپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن ياردەم قىلىشقا ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
قىيىنچىلىقى بولغان ئائىلىلەرگە قېرىنداش ئائىلە ، ئىگە چاقىسىز يېتىم ۋە مۇھتاج بالىلىرىمىزغا ، ئوقۇشتا قىيىنچىلىقى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا مەنىۋىي ئاتا -ئانا ياكى قېرىنداش بولماقچى بولغان خەيرى سۈيەر قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا ئىشەنچلىك كۆۋرۈكلىك رول ئويناپ ،ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل، ساغلام ، ئىشەنچلىك ، ئۈنۈملۈك داۋام قىلىشىغا ھەم تەشكىلى جەھەتتىن ھەم خىزمەت ئۈنىمى جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىمىز ۋە ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالاقە، خەۋەر ئېلىش ، ئەۋەتىلگەن ياردەم مىقتارىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈشى جەھەتتە كاپالەتلىك بېرىمىز. ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھالال تەرى بىلەن كېچە -كۈندۈز خىزمەت قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ داۋاسى، داۋارىمىزنىڭ كېلەچىكى ، يېتىم ۋە مۇھتاجلىرىمىزنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئىككى دۇنيا نىجاتلىق تىلەيمىز.

ھۆرمەت بىلەن  : شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى مەسئۇلى
مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر ۋە ئاساسلىق قۇرغۇچى ئەزالىرى
2018-يىلى 15- سىنتەبىر. ئىستانبۇل

جەمئىيەتنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن تىزىمغا ئېلىنغان ئىقتىساتقا مەسئۇل خادىملىرى :
بۇغالتىر: نۇربىيە خانىم
تېلىفۇن:05051098366

جەمئىيەت مەسئۇلى : مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر
05375797863
www.nuzugum.org: تور ئادىرسىرىمىز
Nuzugumuygur: فەيىسبۇك ئادىرسىمىز
nuzugumuygur@gma il.com: ئىلخەت ئادىرسىمىز